لويد ئوستىن خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى تەھدىتىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن، خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا يەتكۈزۈۋاتقان تەھدىتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1841530
لويد ئوستىن خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى تەھدىتىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن «شاڭرى-لا دىيالوگ مۇنبىرى»دە ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدا توختالغان ئوستىن، دۆلىتىنىڭ رايوندىكى دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىغا ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئوستىن، خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى بېلىقچى فىلوسىنى كېڭەيتكەنلىكىنى، جەنۇبىي دېڭىزغا قۇرغان سۈنئىي ئاراللارغا ئىلغار قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە دەخلى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بېيجىڭنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان چېگرا مەسىلىسىدە تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان مىنىستىر ئوستىن، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئاكتىپ مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يېقىندىن بۇيان تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا يېتىۋاتقان تەھدىتىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان ئوستىن، ئامېرىكانىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى»دە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەمچى بولىدىغانلىقلىرىنى، شۇنداقلا تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىنى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي سىستېمىسىنى بېسىم ياكى كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن، خىتاينىڭ تەيۋەن سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ: «بىزنىڭ سىياسىتىمىز ئۆزگەرمىدى، ئەمما ئەپسۇسكى، خىتايغا نىسبەتەن ئوخشاش نەرسىنى دېيىش مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز ئانتونىي بلىنكېنمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، بېيجىڭنىڭ ئارالغا قارىتا بېسىمىنى كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر