زېلېنسكىي: ئودېسا پورتلىرىدا 25-22 مىليون توننا ئاشلىق بېسىلىپ قالدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ھەر ئاي ئودېسا پورتلىرى ئارقىلىق 10 مىليون توننا ئاشلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىر ئۇ يەردە 25-22 مىليون توننا ئاشلىق بېسىلىپ قالدى» دېدى.

1839161
زېلېنسكىي: ئودېسا پورتلىرىدا 25-22 مىليون توننا ئاشلىق بېسىلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تۈنۈگۈن (2022-يىلى 6-ئىيۇن) «مۇخبىرلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن، مۇخبىرلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ نەتىجىسى ئۆزى ئۈچۈن پايدىسى بولمىغان بىر ئىشقا قايىل بولۇشقا زورلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارالىق جەمئىيەتتە ئۇرۇش سەۋەبىدىن ھېرىش-چارچاشنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى، ھەممە كىشىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق نەتىجە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ رۇسىيە بىلەن ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا نىسبەتەن ھېچقانداق پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ: «ھەر قانداق پىلان ئۈستىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇزاكىرەلىرىمىز يوق. بۇ خىل مۇزاكىرەلەر بۈگۈن نۆل سەۋىيەسىدە. ئەلۋەتتە ھەممە كىشى بىزنى، نەتىجىسى بىز ئۈچۈن پايدىلىق بولمىغان بىر ئىشقا كۈچىنىڭ بارىچە زورلاۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئازوۋستال فابرىكاسىدىن چىقىرىلغان 2 مىڭ 500 دىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ رۇسىيەدە ئەسىر تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بارلىق ئۇكرائىنالىق ئەسىرلەرنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاشلىق ئېكسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرەلەرنىڭ ب د ت، بالرىق دېڭىزى دۆلەتلىرى ۋە پولشا بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بىراق قۇرۇقلۇق يولىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى سەۋەبىدىن ئالدىنقى پىلاندا تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ ھەر ئاي ئودېسا پورتلىرى ئارقىلىق 10 مىليون توننا ئاشلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىر پورتلاردا 25-22 مىليون توننا ئاشلىق بېسىلىپ قالدى. كۈز پەسلىدە بۇ سان 75 مىليون توننىغا چىقىشى مۇمكىن. قانداق قىلىمىز؟ پورتتىن باشقا يول بىلەن ئېكسپورت قىلالمايمىز» دېگەن ئىدى.

ئۇ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئۇكرائىنالىق مۇخبىرلارنىڭ ئائىلىلىرىگە دۆلەت ئوردېنى تەقدىم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر