پ ك ك نىڭ سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ چېگرا لىنىيەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش تەشەببۇسىنىڭ ئالدى ئېلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى مۇنبىچ ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىدا مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك نىڭ سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ باب ناھىيەسىدىكى  ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىىگە ھۇجۇم قىلىش تەشەببۇسىنىڭ ئالدى ئېلىندى.

1838249
پ ك ك نىڭ سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ چېگرا لىنىيەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش تەشەببۇسىنىڭ ئالدى ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك، تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورىزمدىن تازىلانغان باب ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى ئەجەم يېزىسىدا، يېرىم كېچىدە سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنى سەپ لىنىيەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى.

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلار بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشى نەتىجىسىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان تېررورچىلار، تەخمىنەن 2 سائەت داۋاملاشقان توقۇنۇشلاردىن كېيىن، چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك، ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى مۇنبىچ ناھىيەسىدە پات - پات ئوغرىلىقچە ۋە راكېتامىيوت ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن دۆلەتنىڭ شىمالىدا تۈركىيە تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق بەرپا قىلىنىۋاتقان بىخەتەر رايونلارغا تەھدىت سالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر