سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى 500 ئەسكەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن دۆلەتنىڭ شىمالىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

1837563
سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، فىرونتلاردىكى ھالقىلىق جايلارغا  ئورۇنلىشىش تاكتىكىسىنى ئىجرا قىلىشنى مەشق قىلدى؛ ئېغىر ۋە يېنىك تىپلىق قوراللار ئىشلىتىلگەن مانېۋىردا، زەربە بېرىش نىشانلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك يوقىتىپ تاشلاندى.

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئالدىنقى كۈنىمۇ ئىككى مىڭ ئالاھىدە قىسىم ئەسكىرىنى قاتناشتۇرۇپ، ھەقىقىي ئوقلارنى ئىشلىتىپ مانېۋىر ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر