شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى تۈركىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەر توغرىسىدا توختالدى

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالېنا ئاندېرسون، دۆلىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، يېقىن كەلگۈسىدىمۇ بەرپاچى ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1836365
شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى تۈركىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەر توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماگدالېنا ئاندېرسون پايتەخت ئىستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.

ئاندېرسون ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو سۆھبەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «تۈركىيە بىلەن كۆرۈشتۇق، مەن يېقىن كەلگۈسىدىمۇ بەرپاچى ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز بۇ مەسىلىدە فىنلاندىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر