لاۋروۋ: دۇنيا بازارلىرىدىكى ئاشلىق مەسىلىسىگە غەرب جاۋابكار

لاۋروۋ دۇنيا بازارلىرىدىكى ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجدىكى مۇقىملىق مەسىلىسىگە رۇسىيەنىڭ سەۋەب بولمىغانلىقىنى، بەلكى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ پورتلارغا ئورۇنلاشتۇرغان مېنالارنىڭ ئاشلىق تەمىنلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1836504
لاۋروۋ: دۇنيا بازارلىرىدىكى ئاشلىق مەسىلىسىگە غەرب جاۋابكار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، پايتەخت رىيادتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ئاشلىق توشۇغان رۇسىيە پاراخوتلىرىنىڭ غەربنىڭ ئېمبارگوسىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيە ئاشلىقىنى ئېكسپورت قىلىشتا قىيىنچىلىق بار. غەرب ئاشلىققا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى يۇقىرى ئاۋازدا دەۋاتقان بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈندۇر رۇسىيە ئاشلىقىنى توشۇغان پاراخوتلارنىڭ ئېمبارگولارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خېجىل بولغاندا جىمجىت تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ رۇسىيە پاراخوتلىرىنىڭ ياۋروپا پورتلىرىغا كىرگۈزۈلمىگەنلىقىنى، ئىستراخۇانىيە قىلىنمىغانلىقىنى، دۇنيا بازىرىنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تىرانسپورت ۋە مالىيە زەنجىرلىرىنىڭ غەربنىڭ ئېمبارگولىرىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيەنىڭ دۇنيا بازارلىرىنى مۇقىم ھالدا ئاشلىق بىلەن تەمىنلىشىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق. مەسىلە، ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن مېنا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەرلەر ئارقىلىق ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن چىقالمايۋاتقانلىقى» دېدى.

ئۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ 31-ماي ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىنى خاتىرىلىتىپ: «ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ پاراخوتلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇكرائىنا پورتلىرىدىكى مېنالارنى تازىلاشقا ياردەم قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى» دېدى.

ئۇ كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ غەربتىن ئىلغار راكېتامىيوت تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «غەربنى قوراللىق توقۇنۇشقا ئەكىرىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ جاۋاب بەردى ۋە بۇ تەلەپنىڭ «دىپلوماتىك ئەخلاق سىزىقلىرى» دىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر