ئامېرىكا مىسىرغا تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مىسىرغا 2 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق CH-47F چىنۇك ماركا ئېغىر تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى.

1833388
ئامېرىكا مىسىرغا تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئورگىنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مىسىرغا ئوتتۇرىچە قىمىىتى  2 مىليارد 600 مىليون دوللار بولغان  CH-47Fچىنۇقك ماركا ئېغىر تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە مۇناسىۋەتلىك سايمانلارنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىپ بېرىشنى تەستىقلاش توغرىسىدا دۆلەت مەجلىسىگە ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، سېتىش پىلانىنىڭ 23 دانە چىنۇك ماركا تىك ئۇچار ئايروپىلان، 56 زاپاس موتور ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچى سايمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەزكۇر ئورگان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىككى قوشۇمچە باياناتتا بولسا، ئاۋسترالىيەگە ئوتتۇرىچە قىممىتى 385 مىليون دوللار بولغان 20 دانە HMARS راكېتا سىستېمىسىنىڭ سېتىلىشىنىڭ، گوللاندىيەگە بولسا، ئوتتۇرىچە قىممىتى 117 مىليون دوللار بولغان  AIM-9X 2 ماركا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنىڭ سېتىلىشىنىڭ تەستىقلانغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر