ئىران پىرېزىدېنتى جازالارنى پاسسىپلاشتۇرۇش مەركىزى قۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى، دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە جازالىرىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماستىن، جازالارنى پاسسىپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1832370
ئىران پىرېزىدېنتى جازالارنى پاسسىپلاشتۇرۇش مەركىزى قۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى —IRNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پىرېزىدېنت رەئىسى، قۇم شەھىرىدە دىنىي ئەربابلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتىكى سىن كۆرۈنۈشلۈك نۇتۇقى جەريانىدا، ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادىكى يادرو سۆھبىتى ۋە دۆلىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ جازالىرىغا قارشى تۇرۇش يوللىرى ھەققىدە توختىلىپ: «سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرىمىز، ئەمما باشقىلارنىڭ بىزگە ۋاكالىتەن قارار چىقىرىشىنى كۈتۈش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىنى توختىتىپ قويمايمىز» دېگەن.

رەئىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئىران رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېي ئېلان قىلغان «جازالارنى پاسسىپلاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز جازالارنى بىكار قىلىشتىنمۇ مۇھىم بولغان <جازالارنى پاسسىپلاشتۇرۇش> ئۈچۈن بىر مەركەز قۇردۇق. نۆۋەتتە، بۇ مەركەز ناھايىتى ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر