ئامېرىكا: تۈركىيەنىڭ ئەندىشىلىرىنى ھەل قىلىش مۇمكىن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەنىڭ فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيە مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1829619
ئامېرىكا: تۈركىيەنىڭ ئەندىشىلىرىنى ھەل قىلىش مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت بىخەتەرلىك  ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى مەسىلىسىدە تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئوتتۇرىغا قويغان بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ جەنۇبىي كورېيە ۋ ياپونىيە زىيارىتى ئەسناسىدا، پىرېزىدېنتلىق ئايروپىلانىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ تۈنۈگۈن شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى مۇساپىسىنى تولۇق قوللاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى باسقۇچىغا ئالاقىدار پوزىتسىيەسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى مەسىلىسىدە تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئوتتۇرىغا قويغان بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش مۇمكىن.»

ئۆزىنىڭ مەنسەپدېشى ئىبراھىم قالىن بىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى قەيت قىلغان سۇللىۋان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ھەم فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى ھەمدە شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى، دەرۋەقە، ئەترەتلەر كۆرۈشۈش ئۈچۈن تۈركىيەگە بارىدۇ.»

ئۇ، بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىۋاسىتە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، چۈنكى بۇ مەسىلىنىڭ ئەسلىدە، تۈركىيە بىلەن فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر