ئاقساراي: فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز

ئاقساراي باياناتچىسى كارىن يېن پىئېررې فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1828025
ئاقساراي: فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۈمە كۈنى يېن پساكىدىن ئاقساراي باياناتچىلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان يېن پىئېررې تۇنجى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ، ئالدىنقى كۈنى گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا، تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزالىقىغا قارىتا پوزىتسىيەسى توغرۇلۇق تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش بىر جەرياننى تەقەززا قىلىدۇ، بىز بۇ مەسىلىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى باسقۇچى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بۇ ھەقتە كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. كۆرۈشۈشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمەيمەن، ئەمما فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى مەسىلىسىدە كۈچلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتىش بىلەنلا چەكلىنىمەن. تۈركىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى مەسىلىسىدە مۇزاكىرىلەر داۋاملاشماقتا. نەتىجىدە، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ناتوغا ئەزالىقى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.»

تۈركىيەنىڭ فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقىغا قارشى پوزىتسىيەسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى، «تۈركىيە شىۋېتسىيەدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ مەۋجۇدىيىتى تۈپەيلى بۇ دۆلەتنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى. دەرۋەقە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە پۈتكۈل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر  پ ك ك نى <تېررورلۇق تەشكىلاتى> دەپ ئېتىراپ قىلماقتا. شىۋېتسىيەگە  پ ك ك غا قارشى قەدەم تاشلىشىنى تەۋسىيە قىلامسىز؟» تەرىقىسىدىكى سوئالغا، بۇنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پىكىر بايان قىلىدىغان بىر مەسىلە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ھازىرمۇ تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قىممەتلىك ئىتتىپاقدىشى بولىدۇ. شىۋېتسىيەمۇ، فىنلاندىيەمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا رەسمىي ئىلتىماس سۇنمىدى. بۇ يەردە بىر جەريان بار. بىز بۇ جەرياندا ئاستا ئىلگىرىلەۋاتىمىز. ئەمما بىزنىڭ بەشبۇرجەكلىك بىنادىن باشقا بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەش ھوقۇقىمىز يوق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر