ئامېرىكا ئاۋاز سۈرئىتىدىن 5 ھەسسە يۇقىرى سۈرئەتلىك قورالنى سىناق قىلدى

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى ئاۋاز سۈرئىتىدىن 5 ھەسسە يۇقىرى سۈرئەتلىك قورالنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1827995
ئامېرىكا ئاۋاز سۈرئىتىدىن 5 ھەسسە يۇقىرى سۈرئەتلىك قورالنى سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يازما باياناتىدا، «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە <B-52H> تىپلىق <Stratofortress> ئايروپىلانى 14-ماي جەنۇبىي كالىفورنىيە دېڭىز ساھىللىرىدا <AGM-183A> تىپلىق  ھاۋادىن قويۇپ بېرىلىدىغان جىددى ئىنكاس قايتۇرۇش قورالى (ARRW) نى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

باياناتتا قورال ئايروپىلاندىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تېزلەتكۈچ ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈلۈپ، مۆلچەردىكى ئاۋاز سۈرئىتىدىن 5 ھەسسە يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىقتىدارىنى نامايان قىلغانلىقى ۋە سىناقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ قورال لوكخىد مارتىن شىركىتى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەت بىلەن سەزگۈر نىشانلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر