قاتار ئەمىرى ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى ئىستانبۇل زىيارىتى ئەسناسىدا قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

1826856
قاتار ئەمىرى ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەيخ تەمىم، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، تۈنۈگۈن ئىشقا ئاشۇرغان ئىستانبۇل زىيارىتى  ۋە «ۋاھدەتتىن سارىيى» دا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئۆزىنى ئىشىك ئالدىدا كۈتۈۋالغانلىقى ھەققىدە ئېلان قىلغان فوتو سۈرەتلىك باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈن قېرىندىشىم ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەپەندىم بىلەن ئىستانبۇلدا بىر يەرگە جەم بولدۇق. ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، ئىككى قېرىنداش دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايونلۇق ۋە يەر شارىۋى مەسىلىلەرگە دائىر يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق.  مېنى قىزغىن كۈتۈلۋالغانلىقى ئۈچۈن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتىمەن.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈنۈگۈن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانىنى، ئىستانبۇلدىكى «ۋاھدەتتىن سارىيى» نىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قارشى ئالغان، كېيىنچە سارايدا سۆھبەتلەشكەن ئىككى رەھبەر، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر