فىنلاندىيە ناتوغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

فىنلاندىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئىتتىپاقنىڭ زورىيىش يولىنى ئاچىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1826011
فىنلاندىيە ناتوغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
finlandiya.jpg
finlanda.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىئىنىستو ۋە باش مىنىستىر ساننا مارىن قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتنىڭ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەستىن ناتوغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە قارار چىقىرىش ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە قەدەم باسقۇچلارنىڭ تېزلىتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باياناتتا، 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىتتىپاقنىڭ زورىيىشىنىڭ يولىنى ئېچىپ، ناتوغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى؛ بىرلەشمە باياناتتا يەنە، ئەزالىقنىڭ فىنلاندىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پۈتكۈل مۇداپىئە ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

رۇسىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى  بايانات ئېلان قىلىپ، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە ناتوغا ئەزا بولغان تەقدىردە، بۇنىڭ بۇ دۆلەتلەر ۋە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە باشقىچە ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا 15-ئاپرېل بايانات بېرىپ: «بۇ دۆلەتلەر بۇنداق بىر قەدىمىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىمىز ۋە پۈتكۈل ياۋروپا بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئويلىشىشى كېرەك... ناتوغا ئەزا بولۇش ئۇلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنى ناتونىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندۇرىدۇ» دېگەنىدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، فىنلاندىيەنىڭ ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتى ھەققىدە توختىلىپ: «فىنلاندىيە ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنسا، ناتو مەمنۇن بولىدۇ، ئەزالىق مۇساپىسى دەخلىسىز ۋە تېز ئىلگىرىلەيدۇ» دېدى.

شىۋېتسىيەنىڭمۇ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ناتوغا كىرىش قارارىنى ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر