ئامېرىكانىڭ ب د ت تىكى ۋەكىلى تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس گرىنفېلد تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس گرىنفېلد، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشتىكى كەڭ قورساقلىقى، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللىغانلىقى ھەمدە ئۇكرائىنا خەلقىگە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.
ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋاكالەتخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، توماس گرىنفىلىدنىڭ، سۈرىيە خەلقىنى قوللاش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ب د ت نىڭ تۈركىيەنىڭ جىلۋەگوزۈ چېگرا ئېغىرى ئارقىلىق سۈرىيەگە قىلىۋاتقان چېگرا ھالقىغان ياردىمىنىڭ داۋاملىشىشى مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغان توماس گىرىنفىلىد، تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان 3 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىرغا تۇتقان پەۋقۇلئاددە سېخىيلەرچە مۇئامىلىسى سەۋەبىدىن سەدات ئۆنالغا رەھمەت ئېيتتى.
ئۇ، مۇساپىرلارنىڭ سۈرىيەگە قايتىشىنىڭ بىخەتەر بولۇشى، ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ ساقلىنىشى ۋە ئىختىيارى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا باش ئەلچىسى يەنە، رۇسىيە 24-فېۋرال ئۇرۇش ئېلان قىلغان ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللىغانلىقى ھەمدە ئۇكرائىنا خەلقىگە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرك خەلقىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.