ئېلون ماسك تىۋىتتېرنىڭ دونالد ترامپقا قويغان چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدىغانلىقى جاكارلىدى

تېسلا ۋە «SpaceX» نىڭ خوجايىنى ئېلون ماسك شىركەتنىڭ مۇدىرىيىتى بىلەن كېلىشىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى تىۋىتتېرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن تىۋىتتېرنىڭ سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا قويغان چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1825295
ئېلون ماسك تىۋىتتېرنىڭ دونالد ترامپقا قويغان چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدىغانلىقى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېلون ماسك پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تەرىپىدىن توردا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئاپتوموبىلنىڭ كەلگۈسى» پائالىيىتىدە نۇتۇق سۆزلىدى.

ئېلون ماسك تىۋىتتېرنىڭ دونالد ترامپقا قويغان چەكلىمىسى ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ ئەخلاقىي نۇقتىدىن ناچار ۋە ئەخمەقلارچە بىر قارار ئىدى، دونالد ترامپنى چەكلەش توغرا بولمىغان بىر خاتالىق ئىدى» دېدى.  

ئېلون ماسك تىۋىتتېرنى ئالغاندىن كېيىن تىرامپقا قويۇلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى يۈزبەرگەن ئامېرىكا پارلامېنتتىدىكى ھۇجۇمدىن كېيىن، ترامپنىڭ تۋىتتېر ۋە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتلىرى پۈتۈنلەي تاقىلىپ قالغان ۋە بۇ قارار ئامېرىكىدا «پىكىر ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق» دەپ قارىلىپ، كەڭ كۆلەمدە تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان ئىدى.

تۋىتتېر مۇدىرىيىتى ئېلون ماسكنىڭ 44 مىليارد دوللارلىق سېتىۋېلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

دونالد ترامپ تۋىتتېرنىڭ ئېلون ماسكقا سېتىلىشىغا قارىتا ئىجابىي باھا بەرگەن، ئەمما ئۆزىنىڭ تىۋىتتېرغا قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى بولغان «ھەقىقەت» ناملىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا داۋام قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر