كۇبادىكى  پارتلاشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 32 گە ئۆرلىدى

كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادا 6-مايدا بىر مېھمانخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 32 گە ئۆرلىدى.

1823543
كۇبادىكى  پارتلاشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 32 گە ئۆرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇبا ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، قازا قىلغانلار سانىنىڭ يەنە 6 كىشى ئېشىپ، جەمئىي 32 گە يەتكەنلىكى، يارىلانغانلار سانىنىڭ 15 كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 80 كىشى  ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان 10 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پارتلاش نەتىجىسىدە يوقاپ كەتكەن 19 كىشىدىن ھازىرغىچە خەۋەر يوق، قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە بىر ھامىلە ئايال ۋە 4 كىچىك بالا بار.

پىرېزىدېنت مىگۇئېل دىئاز-كانېل تۈنۈگۈن دوختۇرخانىدا يارىلانغانلارنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ تېرورلۇق ھۇجۇمى ئەمەس، بەلكى بىر بەختسىز ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە پۇقرالارغا قان ئىئانە قىلىش چاقرىقىدا بولغان.

كۇبا مەتبۇئاتلىرىدا، مېھمانخانىدا بىر مەزگىل داۋام قىلىۋاتقان رېمونت خىزمىتى دائىرىسىدە، تۇرۇبا يولىغا گاز ئېقىۋاتقاندا پارتىلاش يۈز بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

كوۋىد -19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن 2 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تاقىلىپ قالغان ۋە 10- مايدا ئېچىلىشى مۆلچەرلەنگەن تارىخى مېھمانخانىنىڭ 1880-يىلى ياسالغانلىقى ۋە 1933-يىلدىن بۇيان مېھمانخانا بولۇپ مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.


خەتكۈچ: #پارتلاش , #كۇبا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر