پىل چىشى قىرغىقىدا دېنگې قىزىتمىسى جانغا زامىن بولدى

پىل چىشى قىرغىقىدا بىر كىشى دېنگې قىزىتمىسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1823038
پىل چىشى قىرغىقىدا دېنگې قىزىتمىسى جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىل چىشى قىرغىقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، دۆلەتتە 12 كىشى دېنگې قىزىتمىسى بىلەن يۇقۇملانغان، بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە،  يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەر قوللىنىلىدىكەن.

پىل چىشى قىرغىقىدا، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم، 2019-يىلى 2 كىشى دېنگې قىزىتمىسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر