نىگېرىيەدە قولۋاق چۆكۈپ كېتىپ ئونلارچە كىشى ئۆلدى
نىگېرىيەنىڭ كاتسىنا ئۆلكىسىدە دەريادا يولۇچىلارنى ئېلىپ كېتىۋاتقان قولۋاقنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1822951
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كاتسىنا ئۆلكىسىنىڭ مايئادۇئا رايونىدىكى دەريادا «روزا ھېيت» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىن قايتقان كىشىلەر ئولتۇرغان قولۋاق چۆكۈپ كەتكەن. قازادا 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6 كىشى يوقاپ كەتكەن.
ئالاقىدار تارماقلار، قازادا يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.