ئاشقۇن يەھۇدىيلار مەسجىدى ئەقساغا ھۇجۇم قىلدى

يۈزلەرچە ئاشقۇن يەھۇدىيلار ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا «ئىسرائىلىيە قۇرۇلغان كۈن» نى تەبرىكلەشنى باھانە قىلىپ ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىغا بېسىپ كىردى.

1822386
ئاشقۇن يەھۇدىيلار مەسجىدى ئەقساغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاشقۇن يەھۇدىيلار مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشتىن ئىلگىرى، ئەتراپقا ئونلارچە ئىسرائىلىيە ساقچىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ھۇجۇم ئەسناسىدا مەسجىدى ئەقسادا ئىبادەت قىلىۋاتقان پەلەستىنلىك مۇسۇلمانلارنى ئۇرۇپ، قولغا ئېلىشقا ئۇرۇندى.

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى، ئىنادەت قىلىۋاتقان پەلەستىنلىكلەرگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە كاۋچۇك ئوقلارنى ئىشلىش ئارقىلىق مۇداخىلە قىلدى، پەلەستىنلىكلەر بولسا بۇنىڭغا شۇئارلار بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى كۆپ ساندىكى كىشىنى زورلۇق بىلەن ئىچىدە ئىبادەت قىلىۋاتقانلار بار بولغان مەسجىدى ئەقساغا سولىدى، ئاندىن مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىشىكلىرىگە قۇلۇپ سالدى.

ئاشقۇن يەھۇدىيلارنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەسجىدى ئەقساغا ھۇجۇم قىلىشى، ئەتراپتىكى مۇسۇلمان ياشلارنى بىر يەرگە جەم قىلدى. ياشلار مەسجىدى ئەقسا ئۈچۈن شوئارلارنى توۋلىدى.

ئىسرائىلىيەلىك ئاشقۇن يەھۇدىي كۆچمەنلەر تەشكىلاتلىرى، «ئىسرائىلىيە قۇرۇلغان كۈن» نى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىپ، مەسجىدى ئەقسادا ئىسرائىلىيە بايرىقىنى ئېچىش ۋە مىللىي ناخشىلارنى ئېيتىش چاقىرىقىدا بولغانىدى.

بۇنىڭغا جاۋاب تەرىقىسىدە، پەلەستىنلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۆلىمالار، پەلەستىنلىكلەرنى مەسجىدى ئەقسانى تېخىمۇ زىيارەت قىلىشقا ۋە مەسجىدى ئەقساغا توپلىنىشقا چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر