ھەممىنىڭ دىققىتى ئەنگلىيە، گاللېر ۋە شوتلاندىيەدىكى سايلاملارغا مەركەزلەشتى

ئەنگلىيە، گاللېر ۋە شوتلاندىيەدە خەلق يەرلىك ھۆكۈمەتلەر سايلىمىغا ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيەدە بولسا، پارلامېنت سايلىمىغا قاتناشتى.

1822295
ھەممىنىڭ دىققىتى ئەنگلىيە، گاللېر ۋە شوتلاندىيەدىكى سايلاملارغا مەركەزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە، گاللېر ۋە شوتلاندىيەدە سايلىغۇچىلار 4 يىللىق شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭەش ئەزالىرىنى سايلايدۇ.

جەمئىي 4350 نامزات ئەنگلىيەدىكى 140 تىن ئارتۇق شەھەرلىك ھۆكۈمەت، شوتلاندىيەدە 32 ۋە  گاللېردا 22 شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشىدۇ.

ئەنگلىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگىلىيە ئورتاق گەۋدىسى پۇقرالىرى، شوتلاندىيە ۋە گاللېردا بولسا، رايونلاردا قانۇنلۇق ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بېلەت تاشلىيالايدۇ.

بېلەت ساندۇقلىرىنىڭ مەكتەپ، چېركاۋ ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەت مەركەزلىرىگە قۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سايلام نەتىجىسى ئاساسەن ئەتە (6-ماي جۈمە) ۋە بەزى جايلاردا شەنبە كۈنى (7-ماي) ئېلان قىلىنىدۇ.

سايلام پەقەت شەھەر پىلانلاش، تۇرالغۇ ۋە ئەخلەت يىغىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە كىمنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ھازىرقى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن، بولۇپمۇ باش ۋەزىر بورىس جونسون ئۈچۈنمۇ بىر گۇۋاھنامە بولۇش خاراكتېرىگە ئىگە.

ئەنگلىيەدە تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى، باش مىنىستىرلىقتا كوۋىد -19 قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان پارتىيەلەر ۋە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى چېتىشلىق سەتچىلىكلەرنىڭ سايلامغا تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنماقتا.

شىمالىي ئىرېلاندىيەدە بولسا، يەرلىك پارلامېنتنىڭ يېڭى ئەزالىرى سايلاپ چىقىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر