جونسون: ئۇكرائىنا رۇسىيەنى مەغلۇب قىلىدۇ ۋە ئەركىن دۆلەتكە ئايلىنىدۇ

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنى مەغلۇب قىلىپ، قايتىدىن ئەركىن دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1821754
جونسون: ئۇكرائىنا رۇسىيەنى مەغلۇب قىلىدۇ ۋە ئەركىن دۆلەتكە ئايلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون سىنلىق شەكىلدە ئۇكرائىنا پارلامېنتىغا خىتاب قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئۈستىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە بومبىلارنى ياغدۇرۇشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆتكۈزۈلگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ بۇچا، ئىرپىن ۋە خوستومېل قاتارلىق رۇسىيە ئەسكەرلىرى چېكىنىشكە مەجبۇر قالغان جايلاردا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۇكرائىنا غەلبە قىلىدۇ، ئۇكرائىنا ئەركىن بولىدۇ.»

ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋغىچە يېتىپ بارغان رۇسىيە ئارمىيەسىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «پۇتىننىڭ يېڭىلمەس ئىكەنلىكى ئەپسانىسىنى تۈگەتتىڭلار. ھەربىي تارىخىڭلار ۋە دۆلىتىڭلارنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ كۆركەم بۆلۈملىرىدىن بىرىنى يازدىڭلار» دېدى.

ئۇ ھېچكىمنىڭ ئۇكرائىنالىقلارغا بىر شەيئىينى زورلاپ تاڭالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇرۇشتىن ئىلگىرى تانكا ئاتار ئەۋەتكەنلىكلىرىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ: «ئەمدى تانكا ۋە بىرونىۋىك قاتارلىق بىر قانچە مىڭ خىل قورال-ياراغلارنى ئەۋەتىمىز. كېيىنكى ھەپتىلەردە برىمستون (Brimstone ) كېمە ئاتارلارنى ۋە ستورمېر (Stormer ) ئايروپىلان ئاتار سىستېمىلىرىنى ئەۋەتىمىز. پۇقرالارنى ھۇجۇم ئاستىدىكى رايونلاردىن تارقاقلاشتۇرۇش ۋە مەسئۇللارنى قوغداش ئۈچۈن بىرونىۋىكلار بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى.

ئۇ 300 مىليون ستېرلىڭ (تەخمىنەن 5.5 مىليارد لىرا) لىق يېڭى ياردەم پىلانىنى ئېلان قىلدى ۋە ئۇكرائىناغا ئىقتىسادىي ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر