ئەل نەھيان پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇزەبىنىڭ تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن زەيىد ئەل نەھيان پاكىستاننىڭ باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

1821089
ئەل نەھيان پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAM» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەخت ۋارىسى شاھزادە بىن زەيىد پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف بىلەن پايتەخت ئەبۇزەبىدىكى ئەلشاتى سارىيىدا كۆرۈشكەن.

ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردىن باشقا يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆتمۈشتىكى مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوللىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئەبۇزەبى شاھزادىسى ئەل نەھيان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن تاشلانغان ھەرقانداق قەدەمنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شاھباز شەرىف ئۇچرىشىشتا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پاكىستاننىڭ ھەر قايسى ساھەدىكى تەرەققىياتىغا قىلىدىغان ياردەملىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف 11-ئاپرېلدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى چەتئەل زىيارىتىنى 28-ئاپرېلدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن باشلىغان ئىدى.

پاكىستان پارلامېنتىدا 10-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىشەنچ بېلىتى تاشلاش پائالىيىتى نەتىجىسىدە، 174 بېلەتكە ئېرىشەلمىگەن ئىمران خان ھۆكۈمىتى يىقىلغان بولۇپ، دۆلەتتە ئۈچ قېتىم باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ناۋاز شەرىفنىڭ ئىنىسى شاھباز شەرىف 11-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا 174 بېلەتكە ئېرىشىپ، مۇتلەق كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشى بىلەن باش مىنىستىرلىككە سايلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر