پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر نېفىت ئىسكىلاتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ خەيبېر پاختونخۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق نوۋشېرا شەھىرىدىكى بىر نېفىت ئىسكىلاتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ يالقۇنلار تېزلا ئەتراپقا كېڭەيدى.

1821072
پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر نېفىت ئىسكىلاتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايونغا ئەتراپتىكى ۋىلايەتلەردىن نۇرغۇن  ساندا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلدى.

150 نېفىت ئاپتوموبىلى جايلاشقان رايوندا ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن 25 نېفت ئاپتوموبىلى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى.

ئوت ئاپىتى نەچچە سائەتتىن كېيىن ئاران كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.

ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلمىدى ئەمما بىر كىشى يارىلاندى.

ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ھازىرچە نامەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر