تاجاۋۇزچى رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنادا تارتقان زىيانلىرى

ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تەخمىنەن 22 مىڭ 800 ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ھەمدە 187 ئايروپىلان، 155 تىك ئۇچار ۋە 970 تانكىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

1819694
تاجاۋۇزچى رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنادا تارتقان زىيانلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى 24-فېۋرالدىن 28-ئاپرېلغىچە (2022) بولغان ئارىلىقتا رۇسىيە قىسىملىرى تارتقان زىيانلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يەنە 400 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە قىسىملىرى جەمئىي 22 مىڭ 800 ئەسكەردىن ئايرىلىپ قالغان، 187 ئايروپىلان، 155 تىك ئۇچار، 970 تانكا، 2389 برونېۋىك، 431 زەمبىرەك، 151 راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى ۋە 71 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى پاچاقلاپ تاشلانغان.

رۇسىيە قىسىملىرى يەنە، 1688 ئاپتوموبىل، 8 پاراخوت ۋە تېز سۈرئەتلىك كېمە، 76 يېقىلغۇ ترانسپورت ۋاستىسى ۋە 215 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر