نىگېرىيەدە فىديە تۆلەش جىنايەت ھېسابلىنىدىغان بولدى

نىگېرىيە كېڭەش پالاتاسى دۆلەت ئىچىدە بارغانسېرى ئېشىۋاتقان خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە قارشى كۈرەش رامكىسىدا، قوراللىق كىشىلەرگە فىديە تۆلەشنى چەكلىدى.

1819696
نىگېرىيەدە فىديە تۆلەش جىنايەت ھېسابلىنىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە كېڭەش پالاتاسى ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە فىديە تۆلەشنى چەكلىگەن ۋە فىديە تۆلەشنى جىنايەت دەپ قوبۇل قىلغان «تېررورىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تەستىقلىدى.

كېڭەش پالاتاسىنىڭ سوت ئىشلىرى باشلىقى ئوپېيېمى بامىدېلې چەكلىمىنىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە قارشى كۈرەشنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ۋە فىديە تۆلەشكە ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرى بېرىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ، ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى  بىلدۈردى.

نىگېرىيەنىڭ نۇرغۇن ئىشتاتلىرىدا فىديە ئۈچۈن ئادەم گۆرۈگە ئېلىۋېلىشقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان بولسىمۇ، بۇ جىنايەتلەرنىڭ ئالدى ئېلىنالمىدى.

نىگېرىيەدە دىن ئادەملىرى، چەت ئەللىك ئىشچىلار، سودا-سانائەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار ۋە سىياسەتچىلەر گۆرۈگە ئېلىنىپ ياكى ئېلىپ قېچىلىپ، قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن فىديە تەلەپ قىلىنىدۇ.

يېقىنقى كۈنلەردە قوراللىق كىشلەرنىڭ كاندۇا ئىشتاتىدىكى بىر پويىز ئىستانسىسىغا قىلغان بومبا ھۇجۇمىدا 150 تىن ئارتۇق كىشى ئېلىپ قېچىلغان ئىدى.

فىديە ئۈچۈن ئەڭ كۆپ ئادەم ئېلىپ قېچىش ۋەقەلىرى بايېلسا، دېلتا ۋە رىۋېرس قاتارلىق دۆلەتنىڭ جەنۇبتىكى ئىشتاتلىرىدا يۈز بېرىدۇ. 2017-يىلدىن 2021-يىلىغىچە گۆرۈگە ئېلىنغان ياكى ئېلىپ قېچىلغان كىشىلەر ئۈچۈن 15 مىليون دوللاردىن ئارتۇق فىديە تۆلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر