مېكسىكادا بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 8 كىشى قازا قىلدى
مېكسىكانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ھىدالگو ئۆلكە مەركىزىدىكى بىر سېمونت زاۋۇتىدا رىقابەتچى ئىشچىلار گۇرۇپپىسى ئارىلاشقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 8 كىشى قازا قىلىپ 11 كىشى يارىلاندى.
1819876
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىدالگو ۋالىيسى ئۆمەر فاياد تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، كرۇز ئازۇل سېمونت زاۋۇتىدا رىقابەتچى ئىشچىلار گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆمەر فاياد توقۇنۇشتا 8 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 11 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ۋەقەگە چېتىشلىق 9 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
توقۇنۇش جەريانىدا بەزى ئاپتوموبىللار زىيانغا ئۇچرىدى.
ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاندى.