كوڭ شۇانيو: خىتايغا رەقىب ياكى دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلىش مۇناسىۋەتلەرنى ناچارلاشتۇرىدۇ

خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كوڭ شۇانيو، ياپونىيە «خىتايغا رەقىب ياكى دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە» مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناچارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1819599
كوڭ شۇانيو:  خىتايغا رەقىب ياكى دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلىش مۇناسىۋەتلەرنى ناچارلاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئەلچى كوڭ، ياپونىيە - خىتاي مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ «ياپونىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى نورماللاشقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى»نى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئورۇنلاشتۇرغان سۆھبەت يىغىنىدا، 100 دىن ئارتۇق ياپون كارخانىچىسىغا خىتاب قىلدى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ بېيجىڭنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن باش ئەلچى كوڭ: «ئەگەر ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تار سىياسىي جۇغراپىيەلىك قاراشقا ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشىنىڭ لاگېرلار ئارا توقۇنۇش روھىي ھالىتىگە ئىگە بولسا، ئۇلار تەبىئىيلا خىتاينى ياقتۇرمايدۇ ۋە ئۇنى تەھدىت، ھەتتا دۈشمەن دەپ قارايدۇ» دېدى.

ئۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى «كۆڭۈلدىكىدىن يىراق» دەپ تەسۋىرلەپ: «بىز ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغان ياكى چېكىنىدىغان بىر دوقمۇشتا تۇرۇۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باش ئەلچى كوڭ شۇانيو، ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۆزئارا سودا ئالاقىسىگە «ئۆزئارا تايىنىشچان ۋە ئايرىلماس» دەپ باھا بېرىپ، سودا دۇنياسىنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر