بايدىن ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 20- مايدىن 24 –مايغىچە بولغان جەرياندا ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1819712
بايدىن ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «پىرېزىدېنت بايدىن 20-مايدىن 24-مايغىچە جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ھۆكۈمەتلىرىمىز، ئىقتىسادىمىز ۋە خەلقلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ» دېدى.

بۇ زىيارەتنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ «ئوچۇق ۋە ئەركىن ھىندى-تىنچ ئوكيان» توغرىسىدىكى ۋەدىسىنىڭمۇ بىر نامايەندىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان پساكى: «بۇ زىيارەت 12 – ۋە 13 – مايدا ۋاشىنگتوندا چاقىرىلىدىغان ئامېرىكا-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىندى-تىنچ ئوكيان بىلەن يېقىنقى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن  بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كەسكىن دىپلوماتىيەنىڭ مەھسۇلى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بايدىننىڭ جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان پساكى، زىيارەت جەريانىدا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي ئالاقىنى كېڭەيتىش ۋە ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

پساكى، بايدىننىڭ توكيو زىيارىتى دائىرىسىدە ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان «Quad» گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغىمۇ ئىشىتراك قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر