ئوستىن: ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1818562
ئوستىن: ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداش بولۇش سۈپىتى بىلەن قورال ياردىمىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن گېرمانىيەدىكى راممستېئىن ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا چاقىرىلغان ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسلىھەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ: مېنىڭ كىيېۋدىكى زىيارىتىم ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بۇ ئىقتىدارلارنى ئىشلىتىش شەكلىگە بولغان قايىللىقىمنى كۈچەيتتى. بۇ يەردىكى ھەممەيلەن ئۇكرائىنانىڭ غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ» دېدى.

ئۇ، 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئۇرۇش داۋاملىشىدىغانلا بولسا، ئۇكرائىنانىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن ئىشمىز بار. ئۇكرائىنا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ ياردىمىمىزگە موھتاج. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىمۇ يەنە بىزنىڭ ياردىمىمىزگە موھتاج بولىدۇ» دېدى.

ئوستىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن بۈگۈن بۇ يەردىكى ھەممەيلەننىڭ ئۇكرائىنانىڭ قىسقا مۇددەتلىك بىخەتەرلىك ئېھتىياجى توغرىسىدا ئورتاق ۋە ئوچۇق- ئاشكارا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ ئايرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رۇسىيە بىر كىشىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. ئۇكرائىنا دېموكراتىيە، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، ئەمما خەتەر ئۇكرائىنا ھەتتا ياۋروپادىنمۇ ھالقىپ كەتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر