سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

سۇداننىڭ غەربىي دارفۇر رايونىدا ئىككى قەبىلە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا تەخمىنەن 170 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1818394
سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، جىنەينە شەھىرىدىكى كىرەينىك رايونىدا 24-ئاپرېل ئافرىقا ۋە ئەرەب نەسىللىك قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا باشلانغان توقۇنۇشلاردا تەخمىنەن 170 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، ئونلارچە كىشى يارىلانغان.

تۈنۈگۈن (25-ئاپرېل) چۈشتىن كېيىن كىرەينىك ئەتراپىدىكى تۇرالغۇلارغىچە كېڭەيگەن توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن مىڭلارچە كىشى قوشنا شەھەرلەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولدى.

دارفۇردىكى مۇساپىرلار ۋە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار باش كوردىناتورى باياناتچىسى ئادام رىگال يەكشەنبە كۈنى (24-ئاپرېل) قوراللىق ھۇجۇمچىلارنىڭ كىرەينىك رايونىغا باستۇرۇپ كىرىشى نەتىجىسىدە، 164 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ب د ت پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئەيىبلەپ، زوراۋانلىقلارنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر