ئىسلامئاباد ھىندىستاننىڭ «پاكىستاندا ئوقۇماسلىق» توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

پاكىستان، ھىندىستاننىڭ پۇقرالىرىغا قىلغان توغرىسىدىكى چاقىرىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1817829
ئىسلامئاباد ھىندىستاننىڭ «پاكىستاندا ئوقۇماسلىق» توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستان ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ياردەم بېرىش كومىتېتى بىلەن پۈتكۈل ھىندىستان تېخنىكا مائارىپى كېڭىشى باياناتىنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەھدىت سېلىپلا قالماي، يەنە مۇستەبىت ھاكىمىيەت پۇرىقى تارقاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا، يېڭى دېھلى ئۆزىنىڭ «ھىندى ئۇلۇسى» تىكلەش بۇرچىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە دۆلەتتىكى چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇ خىل قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى ۋە بۇنىڭغا «ئېچىنىشلىق» ئەھۋال دەپ باھا بېرىلدى.

پاكىستاننىڭ، ھىندىستاننىڭ پۇقرالىرىغا قىلغان <پاكىستاندا ئوقۇماسلىق> توغرىسىدىكى چاقىرىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئىسلامئابادنىڭ يېڭى دېھلىنىڭ ئوچۇق- ئاشكارا كەمسىتىش ھەرىكىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

4-ئاينىڭ 23-كۈنى ھىندىستان ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ياردەم بېرىش كومىتېتى بىلەن پۈتكۈل ھىندىستان تېخنىكا مائارىپى كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستاندا ئوقۇغان پۇقرالارنىڭ ھىندىستاندا خىزمەت تېپىش ياكى ئالىي مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشقا لايىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن، ھەمدە ھىندىستان پۇقرالىرىنىڭ پاكىستاندىكى مائارىپ ئورگانلىرىدا ئوقۇماسلىقى تەلەپ قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر