ئۇكرائىنادا جېنىدىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئۇكرائىنادا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 208 كىچىك بالا جېنىدىن ئايرىلدى، 376 كىچىك بالا يارىلاندى.
1815730
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا باش تەپتىش مەھكىمىسى رۇسىيەنىڭ بومباردىمانلرىدا جېنىدىن ئايرىلغان كىچىك بالىلارنىڭ سانى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، رۇسىيە ئۇرۇش باشلىغان 24-فېۋارلدىن (2022) بۈگۈنگىچە 208 كىچىك بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 376 كىچىك بالىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا يەنە، رۇسىيەنىڭ بومباردىمانلىرىدا 1 مىڭ 141 مەكتەپنىڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 99 مەكتەپنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.