مىسىر ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىخۋان رەھبەرلىك كېڭىشى باشلىقىنى  مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

مىسىر ئالىي سوت مەھكىمىسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى (ئىخۋان) رەھبەرلىك كېڭىشىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد بادىينى 2013-يىلى سەئىد پورتىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىگە چېتىشلىق چىقىرىلغان سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسى (25 يىللىق) غا ھۆكۈم قىلدى.

1815945
مىسىر ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىخۋان رەھبەرلىك كېڭىشى باشلىقىنى  مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر رەسمىي خەۋەر ئاگېنلىقى «MENA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالىي سوت 2013- يىلدىكى زوراۋانلىققا چېتىشلىق ھالدا 2020-يىلى 9-ئايدا پورت سەئىد جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە كۆرۈلگەن دېلوغا ئالاقىدار ئاخىرىقى قارارىنى ئېلان قىلغان.  

ئالىي سوت مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى (ئىخۋان) رەھبەرلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد بادىيدىن باشقا يەنە، ئازادلىق ۋە ئادالەت پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى مۇھەممەد ئەل بىلتاچى بىلەن ئىخۋان رەھبەرلىرىدىن سافۋەت ھىجازىغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنىمۇ تەستىقلىغان.

ئالىي سوت  يەنە مەزكۇر دېلودا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان 6 جاۋابكارغا 15 يىللىق قاماق جازاسى، بىر جاۋابكارغا 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىشنى تەستىقلىغاندىن سىرت، 59 جاۋابكارنىڭ ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلىشىنى قارار قىلغان.

پورت سەئىد جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2020-يىلى 9-ئايدا قايتا سوتلانغان دېلودا جاۋابكارلارنى قايتىدىن ئوخشاش جازاغا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، جاۋابكارلارمۇ ئىككىنچى ۋە ئاخىرقى قېتىم ئالىي سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى.

سوت مەھكىمىسى جاۋابكارلارنى 2013-يىلى 8-ئايدا سەئىد پورتىدا  يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلىگەن بولۇپ،  ئالىي سوت مەھكىمىسى 2013 – يىلى  7-ئايدا ، «خاماسقا جاسۇسلۇق قىلىش» دېلوسىدا سوتلانغان مۇھەممەد بادىينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 كىشىنى 7 يىلدىن 25 يىلغىچە (مۇددەتسىز) قاماق جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر