ئامېرىكادا بىر جامى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى بىر جامىنىڭ ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش خاراكتېرلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىرگىنىيە ئىشتاتىغا قاراشلىق گلېن ئاللېن ئولتۇراق رايونىغا جايلاشقان «West End» ئىسلام مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىىنغان باياناتتا، كۈندۈزى جامىگە كىرگەن ۋە كىملىكى تېخىچە ئېنىقلانمىغان كىشىلەرنىڭ ئەتراپقا زىيان سالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، جامىدىكى بۇزغۇنچىلىق قىلىش جەريانىدا تامغا مۇسۇلمانلارغا قارشى خەتلەرنىڭ يېزىلغانلىقى، دېرىزىلەر سۇندۇرۇلۇپ، مەسچىتتىكى ئۆي جاھازىلىرىغا زىيان سېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا، بۇ جامىنىڭ يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە ئىككى قېتىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى تەكىتلىنىپ، «رامىزاندا جامىگە قىلىنغان بۇ ھۇجۇم مۇسۇلمانلار جامائىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدۇر» دېيىلدى.
ھۇجۇمنىڭ ھېنرىكو رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن نەپرەت جىنايىتى دائىرىسىدە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.