ئەششەباب سومالى پارلامېنتىغا مىنامىيوت ئاتتى
ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدىكى پارلامېنت بىناسىغا مىناميوت ئاتتى.
1814301
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى ئىككىنچى قېتىملىق پارلامېنت يىغىنى ئەسناسىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا ئىشلىتىلگەن مىناميوت ئوقلىرىنىڭ پارلامېنت بىناسىغا يېقىن يەرگە چۈشكەنلىكى؛ ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقى، يارىلانغانلار ئارىسىدا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سومالىغا ياردەم بېرىش ئۆمىكى بايانات ئېلان قىلىپ، مىناميوت ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيدىغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ سومالى خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.