گىرېتسىيە رۇسىيەنىڭ بىر نېفىت يۆتكەش پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى

گىرېتسىيە 24 – فېۋرال ئۇكرائىناغا ئۇرۇش ئاچقانلىقى ئۈچۈن بىر قاتار جازالار يۈرگۈزۈلگەن رۇسىيەنىڭ بىر نېفىت يۆتكەش پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى.

1814318
گىرېتسىيە رۇسىيەنىڭ بىر نېفىت يۆتكەش پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن رۇسىيەگە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلامچىلىقىدا بىر قاتار ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلمەكتە.

جازالار نۇقتىلىق ھالدا رۇسىيە ئىقتىسادىنى ئالاھىدە زەربە نىشانى قىلغان بولۇپ، رۇسىيە دۆلىتى ۋە رۇس ئولىگارخلىرىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى مال-مۈلۈكلىرى بىر-بىرلەپ مۇسادىرە قىلىنماقتا.

بۇ قېتىم قوشنا دۆلەت گىرېتسىيە رۇسىيەگە قارشى قەدەم تاشلىدى؛ رۇسىيە كېمەسازلىق مىنىستىرلىقى، گىرېتسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازالىرى دائىرىسىدە رۇسىيەنىڭ نېفىت يۆتكەش پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر