نىيۇ يورك مېتروسى ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارى سوتلاندى

ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرى مېتروسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنىڭ گۇماندارى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنغان فرانك جېيمېس (Frank James) نى سوتلاش باشلاندى.

1812739
نىيۇ يورك مېتروسى ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارى سوتلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ يورك شەھىرىدە تۇتۇلغان 62 ياشلىق فرانك جېيمېسنىڭ بىرىنچى قېتىملىق سوتىدا، مېترو ھۇجۇمىنى قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەرنىڭ كۈچلۈك بولۇشى سەۋەبىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا سوتلىنىشى ۋە كاپالەت بەدىلى بەلگىلەنمەسلىككە ھۆكۈم قىلىندى.

مۇئاۋىن باش تەپتىش سارا ك. ۋىنىك (Sara K. Winik) ئۇزۇن ۋاقىت تەييارلىق قىلىنغان دەپ قارىلىۋاتقان ۋەقە ھەققىدە: «جىنايەتچى ھۇجۇمنى ئالدىن پىلانلىغان. پۈتكۈل شەھەردە تېررورلۇقنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى» دېدى.

ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى كۆپ ئىسپاتلارنىڭ بارلىقى، جېيمېسنىڭ بانكا كارتى، يانفونى ۋە ئىجارىگە ئالغان مىنبۇسنىڭ ئاچقۇچىنىڭ نەق مەيداندا تېپىلغانلىقى، ئۇنىڭ ھۇجۇمدا ئىشلەتكەن تاپانچىنى 2011-يىلى ئوخايودىكى قانۇنلۇق قورال سېتىش ئورنىدىن سېتىۋالغانلىقى قەيت قىلىندى.

نىيۇ يوركتا 12-ئاپرېل (2022) برۇكلىن مېترو بېكىتىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا، ئوقتا يارىلانغان 10 كىشىنى قوشقاندا 30 غا يېقىن كىشى يارىلانغان ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن قاچقان جىنايەت گۇماندارى فرانك جېيمېس تۈنۈگۈن (14-ئاپرېل) چۈشتە مەنخاتتوندا تۇتۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر