تۆت دۆلەت رەھبىرى زېلېنىسكىينى زىيارەت قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي پولشا، لىتۋانىيە، لاتۋىيە ۋە ئېستونىيەنىڭ ھەر دائىم ئۇكرائىنانى قوغدايدىغانلاردىن بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1812250
تۆت دۆلەت رەھبىرى زېلېنىسكىينى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي تۈنۈگۈن پويىز بىلەن ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا كەلگەن پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرزېج دۇدا، لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى گىتاناس نائۇسېدا، لاتۋىيە پىرېزىدېنتى ئېگىلس لېۋىتس ۋە ئېستونىيە پىرېزىدېنتى ئالار كارىس بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ھەممە بىرلىكتە قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

زېلېنسكىي يىغىندا سۆز قىلىپ، پولشا، لىتۋانىيە، لاتۋىيە ۋە ئېستونىيەنىڭ ھەر دائىمقىغا ئوخشاشلا رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن 24 – فېۋرالدىن بۇيان ئۇكرائىنانى بىرىنچى بولۇپ قوغدىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

قورال ياردىمى جەھەتتىمۇ بۇ دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى بىرىنچى بولۇپ قوللىغانلار سېپىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن زېلېنسكىي: «پولشا، لىتۋا، لاتۋىيە ۋە ئېستونىيە ھەمىشە دۆلىتىمىز بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ كەلدى» دېدى.

زېلېنسكىي يەنە، بارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بۇ دۆلەتلەرگە ئوخشاش دوستانە، سەمىمىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «مەن بۇ تۆت دۆلەتنىڭ ئۇكرائىنانىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق سەھىپىلىرىدىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بىزنىڭ ئۇلۇغۋارلىقىمىز بار. چۈنكى مۇشۇنداق شېرىكلەر ۋە دوستلار بىلەن بىرلىكتە بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز. ئۇكرائىنا ئۈچۈن مۇشۇنداق قىيىن شارائىتتا قىلىنغان بۇ مۇھىم زىيارىتىڭلار ئۈچۈن ھەر بىرىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر