جو بايدىن ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1811323
جو بايدىن ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن ئىئوۋا ئىشتاتىدا يېقىنقى 41 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە پۇل پاخاللىقى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

باھانىڭ ئۆسۈشىنىڭ پۇقرالارغا بولغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان بايدىن: «ئۇكرائىنا ئىشغالىيىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېقىلغۇ ۋە يېمەكلىك باھاسىنى ئۆستۈرىۋىتىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدۇق. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچى بولغان خىتاي، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش مەھسۇلات ئىشلەپچىقارمايۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆسۈۋاتىدۇ. بىز بۇنى كۆردۇق. بۈگۈن ئېلان قىلىنغان پۇل پاخاللىقىنىڭ 70 پىرسەنتى يېقىلغۇ ۋە يېمەكلىك باھاسىدىن كېلىپ چىققان» دېدى.

بايدىن بۇ تەسىرنى ئازايتىش ئۈچۈن پارلامېنت بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، پۇل پاخاللىقىغا قارىتا «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ باھا ئۆستۈرىشى» دېدى.

جو بايدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋە ئامېرىكىدا يېقىلغۇ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئىستراتېگىيىلىك نېفىت زاپىسىدىن بازارغا 1 مىليون ۋارىل نېفىت سېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە  باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەرنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئائىلىڭىزنىڭ خامچوتى، ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ ماي بېكىنى تولدۇرۇش كۈچىڭىز، دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكى بىر دىكتاتورنىڭ (پۇتىننىڭ) (ئۇكرائىناغا) ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىغا باغلىق بولماسلىقى لازىم» دېدى.

جو بايدىن بۇ سۆزلەر بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى قىلمىشلىرىغا قارىتا تۇنجى قېتىم «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن بولدى.

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر