بۇچادا ئىككىنچى كوللېكتىپ مازارلىق تېپىلدى

كوچىدىكى جەسەتلەرنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن دۇنيا كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان ۋە ئاپرېل (2022) نىڭ بېشىدا رۇسىيە ئارمىيەسى چېكىندۈرۈلگەن بۇچا شەھىرىدە، ئىككىنچى مازارلىق تېپىلدى.

1811835
بۇچادا ئىككىنچى كوللېكتىپ مازارلىق تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇچا شەھىرىدە تېپىلغان ئىككىنچى مازارلىقتىن سەككىز پۇقرانىڭ جەسىتى چىقىرىلدى.

بۇچادا رۇسىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدا قالغان كۈنلەردە رۇسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن پۇقرالارنىڭ جەسەتلىرى چىقىرىلدى ۋە كىملىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئەدلىيە تىببىي مەركىزىگە ئەۋەتىلدى.

ئەزىزە ئاندرىيا چېركاۋىنىڭ ئىچ ھويلىسىدا تۆت كۈن ئىلگىرى تۇنجى قېتىم تېپىلغان كوللېكتىپ مازارلىقنىڭ يېنىدا تېپىلغان ئىككىنچى مازارلىقتىن چىقىرىلغان جەسەتلەر، DNA تەكشۈرۈشى ئۈچۈن نومۇر قويۇلدى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەۋەتىلىشى ئۈچۈن تەييارلاندى.

جەسەت چىقىرىش ئىشلىرىنى نەق مەيداندىن كۆزەتكەن بۇچا رايونىنىڭ تەپتىشى رۇسلان كراۋچېنكو بايانات ئېلان قىلىپ، بىرىنچى كوللېكتىپ مازارلىقتىن جەمئىي 57 جەسەتنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ جەسەتلەرنى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ، پۇقرالارنىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ كىشىلەر تارقاقلاشتۇرۇش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلدى» دېدى.

بۈگۈن (13-ئاپرېل) ئېچىلغان ئىككىنچى مازارلىقتىن ھازىرغىچە سەككىز جەسەت چىقىرىلدى.

بۇچادىكى كوللېكتىپ مازارلىقتىن چىقىرىلغان كۆپىنچە جەسەتتە بويۇن، تىز ۋە بەدەننىڭ باشقا قىىسملىرىدا ئوق ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

كوچىدىكى جەسەتلەرنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن دۇنيا كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان ۋە ئاپرېلنىڭ بېشىدا رۇسىيە ئارمىيەسى چېكىندۈرۈلگەن بۇچا شەھىرىدە، كوچىلاردا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالار ۋە كوللېكتىپ مازارلىقنىڭ كۆرۈنۈشلىرى زور ئىنكاسلارنى قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر