ياپونىيە رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان جازالىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان رۇسىيەگە قاراتقان ئىقتىسادىي جازالىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1810994
ياپونىيە رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان جازالىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر كىشىدا فۇمىيو ھۆكۈمىتى 398 رۇسىيە پۇقراسى ۋە 28 رۇس تەشكىلاتىنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىشنى قارار قىلدى.

مەزكۇر رۇسىيە پۇقرالىرى ئىچىدە پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ قىزلىرى كاتېرىنا تىخونوۋا بىلەن مارىيا ۋورونتسوۋا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ ئايالىمۇ بار.

ئىگىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت يەنە ياپونىيە شىركەتلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيەگە يېڭى مەبلەغ سېلىشىنىمۇ چەكلەيدىكەن.

كابىنېت باش كاتىپى ماتسونو خىروكازۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېزدىن ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن موسكۋاغا ئېغىر جازالارنى يۈرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن فىرانسىيە، رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ بۇ دۆلەتتە مەخپىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ 6 جاسۇسىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ جاكارلىدى.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دىپلوماتىك قوغدىنىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ فىرانسىيەنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان 6 رۇس جاسۇسىنىڭ قارشى ئېلىنمايدىغان شەخس دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ پارىژدىكى باش ئەلچىسى خىزمەت ئورنىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەلچىخانىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقلۇق بىر كىشىنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلىپ قارارنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە 4- ئاپرېل تەۋەلىكىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 35 رۇسىيە دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر