غەرب رۇسىيەگە قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى جېيمېس خېپپېي (James Heappey) رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە قايتۇرۇلىدىغان جاۋاب سۈپىتىدە «ئۈستەلدە بارلىق تاللاشلار» نىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

1811091
غەرب رۇسىيەگە قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى جېيمېس خېپپېي غەربنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالغاندا، «ئۈستەلدە بارلىق تاللاشلار» نىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مارىيۇپول شەھىرىدە خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەردىن كېيىن دۆلەت مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىشلەتكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى تېخى دەلىللىيەلمىگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «بىراق، خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ راست ئىكەنلىكى دەلىللەنسە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن غەربنىڭ قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى مەسىلىسىدە <ئۈستەلدە بارلىق تاللاشلار> نىڭ بارلىقنى بىلىشى لازىم» دېدى.

بۇ «مەسىلىگە ناتونىڭ بىۋاستە ئارىلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟» دېگەن سوئالغا: «ئۈستەلدە بارلىق تاللاشلار بار» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ۋلادىمىر پۇتىننىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشنىڭ «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى» نى بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ قوراللارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىگە غەربنىڭ جىمجىت قاراپ تۇرۇشىنى كۈتمەسلىك كېرەك» دېدى.

ئۇ: «خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلگەن بولسا، بۇ بىزنىڭ باش ۋەزىرىمىز بورىس جونسون ۋە دۇنيادىكى باشقا ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىمىزنى ئويلىشىشىدىكى ھالقىلىق پەيت» دېدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىز ترۇس تۈنۈگۈن (11-ئاپرېل) تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، ئەنگلىيەنىڭ شېرىكلىرى بىلەن رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مارىيۇپولدا قىلغان بىر ھۇجۇمىدا، خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەن بولۇش ئېھتىمالى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى دەلىللەشكە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر