فىلىپپىندا يۈز بەرگەن تەبئىي ئاپەتلەردە 28 ئادەم قازا قىلدى
فىلىپپىندىكى ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 28 گە يەتتى.
1811016
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «The New Daily» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لېيتې رايونى بايباي شەھىرىدىكى 4 يېزىدا 10- ، 11- ئاپرېل كۈنلىرى يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 22 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، 20 ئادەمنى ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.
دۆلەتنىڭ داۋاۋ دې ئورا ۋە داۋاۋ ئورىئېنتال رايونلىرىدىمۇ قاتتىق بوران پەيدا قىلغان كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە ئالتە ئادەم قازا قىلدى.
يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدا 200 قېتىمغا يېقىن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، 30 مىڭغا يېقىن ئائىلە جىددىي پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا يۆتكەلدى.