ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلىشىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن ئۇكرائىنا ئۈچۈن تاشلىنىدىغان يېڭى قەدەملەرنى مۇزاكىرىلىشىدۇ.

1810108
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، ئۇكرائىنادا پرېزىدېنت ۋىلودومىر زېلېنسكىي ۋە ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى دېنىس شىمىگال بىلەن تۈنۈگۈنكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەربىي كومىتېتى شۇنداقلا سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنى يىغىنغا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى.

جوسېپ بوررېل: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دىپلوماتىيە، ئېمبارگو، ئىقتىسادىي ياردەم ۋە قورال ياردىمى قاتارلىقلار ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى قان تۆكۈشىنى توسۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتىمىز» دېدى ۋە يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تاشلايدىغان باشقا قەدەملىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باياناتىدىمۇ، بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا، 24-مارتتىن 25-مارتتقىچە ئۆتكۈزۈلگەن رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن باھالاش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

روسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر