ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارا خەۋپسىزلىك ئۆلچەملىرىگە توشمىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، رۇسىيەنىڭ 21 ھاۋا يوللىرى شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

1810517
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ياۋروپادا چەكلەنگەن ياكى چەكلىمە قويۇلغان ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقى يېڭى ھاۋا بىخەتەرلىكى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، خەلقئارالىق بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرىگە توشمىغان ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىزىملىككە، رۇسىيەنىڭ 21 ھاۋا يولى شىركىتىنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، يېڭىلانغان تىزىملىك بىلەن 117 ھاۋا يولى شىركىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچۇشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ قاتناش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ئادىنا ۋولېيانا: «مەزكۇر قارارنىڭ رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگو ئەمەسلىكىنى ئوچۇق ئېيتىشنى خالايمەن. قارار پەقەت تېخنىكا ۋە بىخەتەرلىك سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن چىقرىلدى. بىخەتەرلىكنى سىياسەت بىلەن ئارىلاشتۇرمايمىز» دېدى.

ئۇ رۇسىيە فېدېراتسىيە ھاۋا يوللىرى ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇش بىخەتەرلىك كېنىشكىسى بولمىغان يۈزلەرچە ئايروپىلانغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە كېلىشىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر