ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان «شام دەرۋازىسى» ئالدىدا يىغىلغان پەلەستىنلىكلەردىن 5 كىشىنى تۇتقۇن قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش داۋاملاشماقتا.
ئىپتاردىن كېيىن، مىڭلارچە پەلەستىنلىك، كونا شەھەرنىڭ سىمۋوللۇق كىرىش ئېغىزى «شام دەرۋازىسى» ئەتراپىدا توپلاندى.
پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «ۋافا» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى، ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا «ماقدىسى» دەپ ئاتىلدىىغان ئۇزاق مەزگىللىك تۇرۇش سالاھىيىتى بار 5 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلغان.
ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنى (كان» بولسا، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ، «شام دەرۋاىزىسى» ئەتراپىدىكى ۋەقەلەردە 4 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بەزى پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرىگە تىل تەگكۈزۈش ھاقارەت قىلىش ۋە توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى، پەلەستىنلىكلەرگە كالتەك بىلەن مۇداخىلە قىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىرېلاندىيەمۇ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى
ئىسپانىيە ۋە نورۋېگىيەدىن كېيىن، ئىرېلاندىيەمۇ پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى.
ئىسپانىيە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى
ئىسپانىيە ۋەزىرلەر كېڭىشى پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش قارارنامەسىنى ماقۇللىدى.