مارىيۇپول شەھەر باشلىقى قورشاۋدا 5 مىڭ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى

ئۇكرائىنانىڭ مارىيۇپول شەھەر باشلىقى ۋادىم بويچېنكو قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەھەردە بىر ئاي ئىچىدە 210 كىچىك بالىنى قوشقاندا تەخمىنەن 5 مىڭ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىن ئېيتتى.

1808695
مارىيۇپول شەھەر باشلىقى قورشاۋدا 5 مىڭ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ مارىيۇپول شەھەر باشلىقى ۋادىم بويچېنكو قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەھەردە بىر ئاي ئىچىدە 210 كىچىك بالىنى قوشقاندا تەخمىنەن 5 مىڭ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىن ئېيتتى.

مارىيۇپول شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، شەھەر باشلىقى بويچېنكو رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنىڭ سىياسىي ۋە قانۇنىي ئاقىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ئىنتېرنېت تور يىغىنىغا قاتناشقان.

ئۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، يېقىنقى كۈنلەردە ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ سىمۋولى بولغان مارىيۇپولنىڭ، ئەمدىلىكتە رۇسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ %90 دىن كۆپ شەھەر ئۇل-ئەسلىھەلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇلارنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە %40 ى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالدا» دېدى.

ئۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا خەلقىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرگە جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «دەسلەپكى تەكسۈرۈش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، قورشاۋغا ئېلىنغان بىر ئاي ئىچىدىلا مارىيۇپولدا 210 كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 5 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. رۇسىيە تېررورىست ھەربىي قىسىملىرى بالىلار دوختۇرخانىسىغا بىر قانچە دانە كۈچلۈك بومبا ئاتتى. شەھەرلىك بىرىنچى دوختۇرخانىنىڭ بىنالىرىدىن بىرىنى ۋەيران قىلدى. تەخمىنەن 50 كىشى تىرىك كۆيۈپ كەتتى. شەھەردىكى 900 دىن ئارتۇق كىشى پاناھلانغان تىياتىرخانا بىناسى بومباردىمان قىلىندى. بۇلار مارىيۇپولنىڭ پۇقرالىرىنى مەقسەتلىك ھالدا يوقىتىشنىڭ پەقەت بىر قانچە مىسالى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر