لېيېن بىلەن بورېل ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوزېف بورېل ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولىدۇ.
1807514
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېننىڭ باياناتچىسى ئېرىك مامېر، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «شەنبە كۈنى پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئۇكرائىنا ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكىن» پائالىيىتى ھارپىسىدا، لېيېن بىلەن بورېل، بۇ ھەپتە ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا بېرىپ، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن كۆرۈشىدۇ.»
رۇسىيە ئارمىيەسى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/88fc/55f6/1436/666d338a35568.jpg?time=1718465470)
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.