ب د ت: نىگېرىيەدە 1 مىليون 200 مىڭ كىشى مىنا خەۋپى ئاستىدا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا تەخمىنەن 1 مىليون 200 مىڭ كىشىنىڭ مىنا خەۋپى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1807215
ب د ت: نىگېرىيەدە 1 مىليون 200 مىڭ كىشى مىنا خەۋپى ئاستىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىگېرىيەدىكى ۋاقىتلىق تۇرالغۇسى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى ماتتىئاس سىچمەيل، بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نىگېرىيەنىڭ بورنو، ئاداماۋا ۋە يوبې ئۆلكىلىرىدە تەخمىنەن 1 مىليون 200 مىڭ كىشىنىڭ مىنا خەۋىپى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، بۇ ئۆلكىلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ جىددىي ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2016-يىلى يانۋاردىن 2022-يىلى يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا 1532 مىنانىڭ پارتىلىغانلىقىنى، بۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 789 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 1356 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قارىماي، تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام، ئافرىقادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت نىگېرىيەدە يەنىلا ئېغىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

دۆلەتتە، 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ، 2009-يىلدىن بۇيانقى ئاممىۋى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر