ئاقدېڭىزدا يۈز بەرگەن كېمە قازاسىدا 90دىن ئارتۇق تەرتىپسىز كۆچمەن قازا قىلدى

ئاقدېڭىزدا يۈز بەرگەن دېڭىز قازاسىدا 90 دىن ئارتۇق تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1806519
ئاقدېڭىزدا يۈز بەرگەن كېمە قازاسىدا 90دىن ئارتۇق تەرتىپسىز كۆچمەن قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندى، چېگراسىز دوختۇرلار فىرونتىنىڭ ئاقدېڭىزدا يۈز بەرگەن دېڭىز قازاسى توغرىسىدىكى تۋىتتېر ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «ئاقدېڭىزدا يۈز بەرگەن يەنە بىر پاجىئەدە 90 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى» دېدى.

گراندى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كۆچمەنلەرگە قاراتقان قوش ئۆلچىمىگە ئىشارەت قىلىپ: «ياۋروپا ئۇكرائىنادىن كەلگەن 4 مىليون مۇساپىرغا سېخىيلىق ۋە ئۈنۈملۈك شەكىلدە ساھىبخانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئىسپاتلىدى. ھازىر بۇنى جىددىي ھالەتتە ئىشىكىنى چېكىۋاتقان باشقا كۆچمەن ۋە مۇساپىرلارغا قانداق تەتبىقلاش مەسىلىسىنى ئويلىشىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

چېگراسىز دوختۇرلار فىرونتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىۋىيەدىن ئاقدېڭىزنى كېسىپ ئۆتۈش مەقسىتىدە بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئايرىلغان بىر كېمىدىكى 90 دىن ئارتۇق تەرتىپسىز كۆچمەن خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە قازا قىلغان.

لىۋىيە شىمالىي ئافرىقادىن ياۋروپاغا قانۇنسىز ئۆتمەكچى بولغان تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان يوللارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر